![]() |
![]() |
گۇگىل شىركىتى 1مىليارد 200مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ شىركەتنى كېڭەيتمەكچى كالىفورنىيە ئىشتاتى مائۇنتېن ۋىۋ شەھىرىگە جايلاشقان گۇگىل شىركىتى خۇسۇسىي مۇزېيخانا، يىغىن مەيدانىنىڭ رولىنى ئۆتەلەيدىغان مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ‹گۇگىل تەجرىبە مەركىزى› قۇرماقچى. 1مىليارد 200مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتىپ، بۇ شىركەتنىڭ ئۆيگە ئىشلىتىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسى ‹خوم›دەك تەتقىقات تۈرلىرىنى مەخپىي سىناق قىلىدىغان تەتقىقات مەركىزىنىمۇ بىللە تەسىس قىلىدىغان گەپلەرمۇ تارقىلىۋاتماقتا. گۇگىلنىڭ مائۇنتېن ۋىۋ شەھىرىگە تاپشۇرغان يازما ماتېرىيالدا، بىر قېتىمدا 900 مېھماننى كۈتۈۋالالايدىغان ‹گۇگىل تەجرىبە مەركىزى› ئارقىلىق تېخىمۇ تەسەۋۋۇرچانلىقى بار ئىدىيەلەرنى ئورتاقلاشتۇرۇپ، يېڭى ئۇسۇللارنى ئىزدىگىلى بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان. بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە مەسئۇل بولىۋاتقان ئېنژىنىر ئاندېرىۋ بېرنېتنىڭ 2011-يىل ئاخىرىدا مائۇنتېن ۋىۋ شەھىرىگە تاپشۇرغان يازما ماتېرىيالدا، بۇ تەجرىبە مەركىزى ئادەتتىكى چاغلاردا جامائەتكە ئېچىلمايدىغانلىقىنى، گۇگىلنىڭ چوڭ تىپتىكى مەھسۇلاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن مېھمانلىرى ۋە گۇرۇپپىلارنى تەكلىپ قىلىپ، پەيدىنپەي سىرتقا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈلگەن.بەلگىلىمىگە بويىچە، تەجرىبە مەركىزىدە گۇگىلنىڭ مەھسۇلاتى ۋە ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئورۇننى بېكىتىپ، كۆرگەزمىخانىمۇ قىلغىلى بولىدىغان، مۇزېي ۋە يەرمەنكە زالى قۇرۇپ، سودا ئىشلىرىغىمۇ ئىشلىتىش زۆرۈر ئىكەنلىكى يېزىلغان.
|



